كېلىشىم

سېتىش -سېتىۋېلىش كېلىشىمى

ئا تەرەپ: شىنجاڭ كەلدىباي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

ب تەرەپ: ۋاكالەتچى

بازىرىنى كېڭەيتىش، ئا تەرەپ تەمىنلىگەن مەھسۇلاتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئا تەرەپ بازارغا سالغان مەھسۇلاتلارنى، ۋاكالەتچىلىك سودا ئەندىزىسى ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرىدۇ ۋە ساتىدۇ. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» ۋە« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ب تەرەپ ئا تەرەپ تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئا تەرەپنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ قوشۇلۇشى بىلەن، تۆۋەندىكى كېلىشىم تۈزۈلدى:

1. ئېنىقلىمىسى:

1) بۇ كېلىشىم: ئا تەرەپ بىلەن ب تەرەپ ئىمزالىغان<< سېتىش- سېتىۋېلىش كېلىشىمى» نى كۆرسىتىدۇ.

2) سىستېما: بۇ كېلىشىمدە ئا تەرەپ تەمىنلىگەن، ب تەرەپ تالون چۈشۈرۈپ، پۇل تۆلەيدىغان سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ.

3)مەھسۇلات: مەزكۇر كىلىشىمدە بايان قىلىنغان ئا تەرەپ سېستىمىسىدا تەمىنلىگەن، ب تەرەپ ساتىدىغان بارلىق مەھسۇلات ۋە ئورالمىلارنى كۆرسىتىدۇ.

4) ۋاكالەتچى: ئا تەرەپ بىلەن << سېتىۋېلىش-سېتىش كېلىشىمى>> ئىمزالايدۇ، تۇنجى قېتىم تالون چۈشۈرۈپ پۇل تۆلىگەندىن كېيىن ۋاكالەتچى سودىگەر بولىدۇ، ھەمدە كېيىن تالون چۈشۈرۈپ مال سېتىۋالغاندا ئا تەرەپنىڭ مەھسۇلاتىنى بىر تۇتاش سېتىش باھاسىدا بەلگىلىك ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

5) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى: بۇ كېلىشىمگە چېتىشلىق مەھسۇلات ھوقۇق بېرىلگەن ۋاكالىتەن سېتىش بۇلۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەتكەن تاۋار ماركىسى ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى، ئوراش-قاچىلاش ۋە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، مەخسۇس تېخنىكا ھوقۇقى، مەخسۇس رېتسېپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

6) كۈن: ئالاھىدە ئەسكەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يەردىكى كۈن بولسا تەبئىي كۈننى كۆرسىتدۇ، خىزمەت كۈنى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

2. مەھسۇلاتلار 

1) مەھسۇلات: ئا تەرەپنىڭ سېستىمىسىدىكى خالىغان تۈردىكى تاۋار، ئوراش-قاچىلاش بۇيۇملىرى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرى كۆرسىتىدۇ

3. ئا تەرەپنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيىتى.

1) ئا تەرەپنىڭ مەزكۇر توختام تۈزۈلگەن ۋاقىتتا ب تەرەپتىن تۇنجى قېتىملىق مال زاكاز قىلىش ھەققى ئېلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئا تەرەپ ب تەرەپتىن ھەق ئالىدۇ ھەمدە چۈشۈرگەن تالۇن تەستىقتىن ئۆتسە، بۇ قېتىملىق سودا كۈچكە ئىگە بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ؛

2) ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە ۋاكالىتەن مال ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

3) ئا تەرەپ مەھسۇلاتنى ئۇزۇن مۇددەت تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

4) ئا تەرەپ توردا سېتىشقا ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى پائال ئېچىپ، ۋاكالەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەھسۇلات لايىھىلەش ۋە ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەرگە ئاكتىپ ماسلىشىدۇ.

5) ئا تەرەپ ب تەرەپنى قانۇنلۇق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى يولغا قويىدۇ؛

6) ئا تەرەپ مەزكۇر كېلىشىمدىكى مەزمۇن بويىچە ب تەرەپنىڭ سېتىش دائىرىسىدىكى تىجارەت پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ. ب تەرەپكە ياردەملىشىپ سېتىشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛

7) ئا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئەۋرىشكىسى، مەھسۇلات كاپالەتنامىسى ۋە ھۆججەت ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ

8) ئا تەرەپ ب تەرەپنى مەھسۇلات بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەشكە ئاكتىپ ماسلىشىدۇ.

4. ب تەرەپنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيىتى.

1) ب تەرەپ بەلگىلىك ئالاقە تورى بايلىقى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

2) ب تەرەپ سېتىش جەھەتتىكى تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى، خاراكتېرى ئاكتىپ، ئۈمىدۋار، قىزغىن، نىشانى بار بولۇشى كېرەك؛

3) ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ سىستېمىسىدا تۇنجى قېتىم تالون چۈشۈرگەن ھەمدە مال زاكاز قىلىش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئا تەرەپنىڭ ۋاكالەتچىسى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، ب تەرەپ ھەر قېتىم سىستېما ئارقىلىق ئا تەرەپتىن تالون چۈشۈرۈپ مەھسۇلات سېتىۋالغاندا، بىردەك ئېتىبار باھادىن بەھرىمان بۇلالايدۇ.

4) ب تەرەپ تۇنجى قېتىملىق مال زاكاز قىلىش سوممىسىغا ئاساسەن كېيىنكى مال سېتىۋېلىش جەريانىدا ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

5) ب تەرەپ مەھسۇلاتنى سېتىش جەريانىدا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئا تەرەپنىڭ مەھسۇلاتىنى ۋاكالىتەن سېتىشتىكى تۈرلۈك قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرنى ئۆز ئالدىغا مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ب تەرەپنىڭ كام رەسمىيەتلەرنى ئۆزى بېجىرىش كېرەك.

6) ب تەرەپ ھوقۇق بەرگەن دائىرىدە قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىپ، ئا تەرەپ ھوقۇق بەرگەن سېتىش ئىشلىرىنى ئەستايىدىل تاماملايدۇ. سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ب تەرەپ قانۇن بويىچە تىجارەت قىلماي، مەزكۇر كېلىشىم ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان بارلىق زىياننى ب تەرەپ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

7) ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ باھالىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

8) ب تەرەپ ئا تەرەپتىن مال زاكاز قىلىش باھاسىغا ماس كېلىدىغان بەلگىلەنگەن تۈردىكى ماللارنى ئالسا بولىدۇ.

9) مال ئىگىدارلىق ھوقۇقى ب تەرەپ ئا تەرەپكە زاكاس قىلغان مالنىڭ پۇلىسىنى تۆلىگەندە ب تەرەپكە تەۋە بولىدۇ. ب تەرەپ ئا تەرەپكە ھەقسىز مال ساقلاپ بەرسە بولىدۇ، ب تەرەپ 6 ئاي ئىچىدە مالنى ئەكەلدۈرىۋالسا بۇلىدۇ.

10) سېتىش ھوقۇقى بېرىلگەن رايون ئىچىدە سېتىش تورى قۇرۇپ، خېرىدارلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئا تەرەپنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە سېتىش، ھەمدە يوشۇرۇن خېرىدارلار توپىغا مۇۋاپىق پەيتتە ۋە دائىم مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ تۇرۇش؛

11) ئا تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا ئا تەرەپكە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى، رىقابەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بازارنىڭ ئالدىنقى سەپ  ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش كېرەك.

12) ئا تەرەپنىڭ ئوبرازى، ئىناۋىتى ۋە ماركا قىممىتىنى قوغدايدۇ؛

13) ب تەرەپ تۆۋەن دەرىجىلىك ۋاكالەتچىلەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛

14) ب تەرەپ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆز ئالدىغا تۆۋەن دەرىجىلىك ۋاكالەتچىلەردىن ھەر خىل ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئالسا بولمايدۇ، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپنىڭ بارلىق كاپالەت پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بولىدۇ، تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن ب تەرەپ يەتتە كۈن ئىچىدە كاپالەت پۇلىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

15) ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە مەھسۇلات سېتىش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. مال يۆتكەپ ساتماسلىق، مەھسۇلات باھاسىنى قالايمىقان قىلماسلىقى، شىركەت بىكىتىپ بەرگەن بىر تۇتاش باھا بويىچە سېتىش كېرەك.

16) مال كىرگۈزگەن كۈندىن باشلاپ مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىدە سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلمىسە، ب تەرەپ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن مالنى ئالماشتۇرۇشقا ياكى قايتۇرۇشقا بولمايدۇ.

17) ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

5. ئېتىبار بېرىش سىياسىتى

1) ب تەرەپ تۇنجى قېتىم زاكاز قىلغان مال سوممىسىغا ئاساسەن كېيىنكى مال سېتىۋېلىش جەريانىدا ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. كونكرېت ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئا تەرەپنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

6. سېتىش-سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى

1) ئا تەرەپ ب تەرەپ بىلەن« سېتىش-سېتىۋېلىش كېلىشىمى» ئىمزالايدۇ، ب تەرەپ تۇنجى قېتىم زاكاز قىلغان مال سوممىسىغا ئاساسەن كېيىنكى مال سېتىۋېلىش جەريانىدا ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛

2) ب تەرەپ مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، ئا تەرەپنىڭ سىستېمىسى ئارقىلىق بىۋاستە ئا تەرەپكە زاكاز تالونى، يەنى سېتىۋېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ ھەمدە پۇلىسىنى تۆلەيدۇ. ئا تەرەپ سىستېما ئارقىلىق ب تەرەپنىڭ زاكاس تالۇننى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، سىستېمىدا تەكشۈرۈش تالونى « ماقۇللاندى» ھەمدە« مال تارقىتىلدى» دەپ كۆرسىتىلگەندە، بۇ قېتىمقى سودا ۋۇجۇدقا تاماملانغان ھەمدە كۈچكە ئىگە بولدى دەپ قارىلىدۇ؛

3) ب تەرەپ پەقەت ئا تەرەپنىڭ سىستېمىسى ئارقىلىق ئا تەرەپنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالالايدۇ ھەمدە بانكا كارتىسى، ئىناۋەتلىك كارتا، تور بانكىسى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش سۇپىسى (چىقىمدان، ئۈندىداردا چىقىم قىلىش قاتارلىقلار) ئارقىلىق ئا تەرەپكە چىقىم قىلىدۇ؛

4) ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە تالۇننى تەكشۈرىدۇ. ھەمدە تالۇن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە مال سېلىنىدۇ. بۇلۇت ئامباردىكى مالنى ئا تەرەپ ساقلاپ بېرىدۇ، ب تەرەپ خالىغان ۋاقىتتا مال ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر زاكاس تالۇنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىسە، ئا تەرەپ 3 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ب تەرەپنىڭ قىلغان چىقىمىنى ب تەرەپنىڭ ھېسابات نومۇرىغا قايتۇرىدۇ.

7. كاپالەت پۇلى

1) ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ مىزانىغا رىئايە قىلىشى، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشى، قالايمىقان باھا قويماسلىقى، ب تەرەپ مەزكۇر كېلىشىم ئىمزالىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى ئا تەرەپكە بازار كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇ كاپالەت پۇلى بازار تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۆسۈم ھېسابلانمايدۇ، چىقىم قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ب تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولسا، مەسىلەن، مال باھاسىنى قالايمىقانلاش، كوماندىسىغا ئىگە بولماسلىق، مال يۆتكەپ قالايمىقان قىلىش، قاتارلىق قىلمىشلار بولسا، ئا تەرەپ بازار كاپالەت پۇلىنى ئىشلىتىپ مۇناسىپ زىياننى تۇلۇقلاش ۋە ب تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بۇلىدۇ.

2) كاپالەت پۇلى تەپسىلاتىنى« كاپالەت پۇلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى» دىن كۆرۈۋېلىڭ.

8. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى

1) بۇ كېلىشىمگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ  مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئا تەرەپنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. ئا تەرەپ ب تەرەپكە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ۋە ھوقۇق بېرىش دائىرىسى ئىچىدە بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. ب تەرەپ بازارنى كۆزىتىشى كېرەك، ئەگەر ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئا تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ياكى ئا تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قانۇنسىز قىلمىشلارنى بايقىسا، ب تەرەپ ئا تەرەپكە ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك. ب تەرەپ ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ھەمدە ئا تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئا تەرەپنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

9. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش

1) ب تەرەپ مەزكۇر كىلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ياكى مەزكۇر كىلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئا تەرەپنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى، شۇنداقلا بۇ مەخپىيەتلىكنى مەزكۇر كىلىشىمنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندا، ب تەرەپ ئا تەرەپ تەمىنلىگەن بارلىق ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

10. كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش

1). بۇ كېلىشىمدە پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقا، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ بۇ كېلىشىمنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئىككى تەرەپ قوشۇلۇپ يازما كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بۇ كېلىشىمنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرسا ياكى بىر تەرەپ قانۇننى تەتبىقلاش بويىچە تولۇق قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ يازما ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.

11. تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ

1) بۇ كېلىشىمدە دېيىلگەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ، بۇ كېلىشىم ئىمزالىنىپ كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى ياكى قەستەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئىككى تەرەپ ئالدىن پەرەز قىلالمايدىغان، ساقلانغىلى بولمايدىغان ھەمدە يەڭگىلى بولمايدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن. ھەمدە بۇ ۋەقە ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن بارلىق ياكى قىسمەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، تەسىر كۆرسەتكەن ياكى كېچىكتۈرگەن ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەقە بانكا سىستېمىسى ۋە 3-تەرەپ چىقىم سىستېمىسى كاشىلىسى تۈپەيلىدىن كىرىم-چىقىم كېچىكىپ كېتىش، ئالدىن پەرەز قىلىش قىيىن بولغان ناچار ھاۋارايى توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى (مەسىلەن، مال يەتكۈزۈش قاتارلىقلار) غا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىش، يەر تەۋرەش، تەيفېڭ بورىنى، كەلكۈن، ئوت ئاپىتى، ۋابا، ئۇرۇش، سىياسىي ئۆزگىرىش، تېررورلۇق ھەرىكىتى، پاراكەندىچىلىك قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

2) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە يازما شەكىلدە قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا بولغان تەسىرىنىڭ دەرىجىسى بويىچە، ئىككى تەرەپ مەزكۇر كېلىشىمنى بىكار قىلىش-قىلماسلىق ياكى مەزكۇر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قىسمەن كەچۈرۈم قىلىش-قىلماسلىق ياكى مەزكۇر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛

3) ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ، بىر تەرەپ مەزكۇر كېلىشىمدىكى تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلالمىسا ياكى كېچىكتۈرسە، ئۇ تەرەپنىڭ مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھەر قانداق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ياكى مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر تەرەپ يۈز بەرگەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ھادىسىنى قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا يازما شەكىلدە ئۇقتۇرىشى كېرەك.  

12. توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى.

1) ئا تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي ئەگەر، ب تەرەپتە ھەرقانداق توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت بولسا، جەزىملەشتۈرۈلگەن ھامان توختامغا خىلاپلىق قىلىش شەكىللىنىدۇ، ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپنىڭ ۋاكالىتەن سېتىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، ب تەرەپ يەنە ئا تەرەپكە 200 مىڭ يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىشى ھەمدە ئا تەرەپكە بۇ سەۋەبلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. ئا تەرەپ ب تەرەپ تاپشۇرغان بازار كاپالەت پۇلىدىن بىۋاستە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ، ئەگەر يېتەرلىك بولمىسا، ب تەرەپ يەنە تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.

2) ب تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ساقلانغان بولسا، ئا تەرەپ ئۆز ئالدىغا ھوقۇق بېرىشنى توختىتىشقا ھوقۇقلۇق.

(1) سۈپىتى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى سېتىش سەۋەبىدىن مەمۇرىي تارماق تەرىپىدىن جازالانغان ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلغان بولسا؛

(2) ساختا تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەمۇرىي تارماقلار تەرىپىدىن جازالانغان ياكى ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئەرز قىلىنغان، سوت مەھكىمىسى تۆلەم ھۆكۈم قىلغان بولسا؛

(3) باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن مەمۇرىي تارماقلار تەرىپىدىن جازالانغان بولسا؛

(4) قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىلىپ مەمۇرىي تارماقلار تەرىپىدىن جازالانغان بولسا؛

(5) باشقا قانۇنسىز سېتىش قىلمىشلىرى بولسا.

13. باشقا ئىشلار

1) بۇ كېلىشىم پەقەت ب تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم مال زاكاز قىلىش ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ، ب تەرەپ پەقەت مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق ۋاكالەتچى سودىگەر بولالايدۇ.

2) ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن باشقا، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە بولمايدۇ؛

3) ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ باشقۇرۇش، تىجارەت قىلىش تۈزۈمىگە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقى بار، ب تەرەپ قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېتىش ياكى باشقا قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن بولسا، مۇناسىپ قانۇنىي ئاقىۋەتنى ب تەرەپ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئا تەرەپ بىلەن چېتىشلىقى يوق. ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋالنى بايقىغان ھامان، ئا تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا مەزكۇر كېلىشىمنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ب تەرەپنىڭ مەزكۇر كېلىشىمدىكى مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ ياكى توختىتىدۇ ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛

4) ب تەرەپ مەزكۇر كېلىشىمدىكى مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلاردىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق قانۇنغا خىلاپ ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، بايقالغان ھامان ئا تەرەپنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى بىكار قىلىش ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ، شۇڭا ئا تەرەپ ياكى ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان سالغان بولسا، ب تەرەپ بارلىق تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

5) مەزكۇر كېلىشىم مەزگىلىدە ئىختىلاپ كۆرۈلسە، ئىككى تەرەپ دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك. مەزكۇر كىلىشىمدىن كىلىپ چىققان ياكى مەزكۇر كىلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تالاش تارتىشتا كېلىشەلمىسە، ئا تەرەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

بۇ كېلىشىم ئېلېكترونلۇق توختام بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ھامان« قوشۇلۇش» نى باسقان ھامان كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ب تەرەپ رويخەتكە ئالدۇرغان ھەمدە« قوشۇلۇش» نى تاللىغاندىن كېيىن، تولۇق ئوقۇغانلىقىنى، چۈشەنگەنلىكىنى ھەمدە بۇ كېلىشىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كېيىن بۇ توختامنىڭ مەزمۇنى ياكى قانۇنىي مەزمۇنىنى بىلمەسلىك ياكى چۈشەنمەسلىكنى باھانە قىلىپ، مەزكۇر توختامنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.